• 版权声明

    禁止商业引用,欢迎查错提出修改建议,公益转发请署名来源。

  • 维吾尔文 1岁1月部分内容


    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1كۈنلۈك بولدى

       جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى بالىلار تەرەققىياتدكى ئابىدە ئەسكەرتىمسى

    بالىنىڭ بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى :

       1. 8 ~ 14 تال سۈت چىشى بار

       2 يالغۇز ماڭالايدۇ . زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ،بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ تېپىش ھەرىكىتىنى قىلالايدۇ.

       3. يول ماڭغاندا ئويۇنچۇقلىرىنى ئىتتىرىش ، تارتىش ۋە ياكى توشۇش قاتارلىقلارق ھەركەتلەرنى قىلالايدۇ.

       4 بوتۇلكا قاتارلىقلارنى مۇزىكا سايمانلىرى قىلىپ،ئاددىي دۇمباق چېلىش ئوينى ئوينىيالايدۇ.

       5 بىر قىسىم ئاددىي ئاۋاز ياكى ھەرىكەتلەرنى قايتىلىيالايدۇ.

       6 بەزى گەپلەرنى چۈشىنەلەيدۇھەمدە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى دېيەلەيدۇ .

       7. بالىلار ناخشىسى ، ھېكايە ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، چوڭلارنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ،كىتاب ئىچىدىكى مۇناسىپ نەرسىلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ.

       8. بىر ئىككى خەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

       9 ئىستاكان ئىچىگە كىچىك ئويۇنچۇقلىرىنى سېلىپ ۋە ئالالايدۇ.

       10. ئاڭلىق ھالدا « دادا » ، « ئانا » دېيەلەيدۇ.

       11 ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ۋە ئائىلىدىكى تونۇش نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ .

       12. ئەينەكتىكى ئۆزىنى تونۇيالايدۇ .

       13. 2 ~ 3 پارچە كۇبىكنى بىرلەشتۈرۈپ تىزالايدۇ .

       14. ئۆزى ئىستاكان بىلەن سۇ ئىچىەلەيدۇ ، قوشۇق بىلەن تاماق يېيەلەيدۇ.

       15. بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ .

       16. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئوينىيالايدۇ.



    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 2 كۈنلۈك بولدى~

    بۈگۈنكى تەۋسىيەسى مەشىقى « ئۆزىنى بايقاش » :

    بۇ ئويۇن سىزنى بالىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىش ئېڭى جەريانىدىكى ئەڭ دەسلەپتە كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار ھەققىدە تېخىمۇ ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ ، بالىنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ .

    « ئويۇن باسقۇچلىرى :

    ئالدى بىلەن بالىنىڭ قولىنى شېكەر سۈيىگە چىلاپ، بالا قولىنى چىشلىگەندە، بىر پارچە كەمپۈتنى بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ، بالىنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىسىز. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، بالا قولىنى شورىغان ۋاقىتتا بالىنىڭ قولىنى ھەرگىز بالىنىڭ ئاغزىدىن تارتىپ چىقارماڭ. بۇ ۋاقىتتا كۆزەتكەندە، ئەگەر بوۋاق شېكەر پارچىسىنى يېگەندىن كېيىن، دەرھال قولىنى ئاغزىدىن چىقىرىۋالسا، بۇ بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسمى يەنى قولى بىلەن سىرتقى ئوبيېكت يەنى شېكەر پارچىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنى بوۋاقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆزلۈك ئېڭى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ؛ ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بوۋاق پەقەت بارمىقىنى چىشلەپلا يۈرسە، بۇ بوۋاقنىڭ ۋاقتىنچە ئۆزىنىڭ قولى بىلەن قەنت پارچىسىنىڭ پەرقىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دېمەك بوۋاقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆزلۈك ئېڭى تېخى پەيدا بولمىغان.


    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 3 كۈنلۈك بولدى~

    ھازىردىن باشلاپ، سىزنىڭ بالىڭىز بوۋاقلىق دەۋرى بىلەن خوشلىشىپ ، بالىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى . سىز ئەڭ ئاۋۋال شۇنى بايقايسىزكى ، بوۋاقتىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، قارماققا ئەسلىدىكىدەك بودەك ھالىتىگە ئوخشىماي قالغان ، يۈزىدىكى سېمىزلىكمۇ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن . بىر ياشلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ ، بوۋاق مەزگىلىدىكى بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئوخشىمايدۇ ، ھازىردىن باشلاپ بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇنچە تېز بولماي ، بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىشى مۇمكىن . ھەتتا بەلكىم بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بايقايسىز . ئەمەلىيەتتە ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ، بالىنىڭ دەم ئېلىشى نورمال بولسىلا ، ئوزۇقلىنىشى مۇۋاپىق بولسا ، ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ ، بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتسە ، بەدەن ئېغىرلىقى تەبىئىي ھالدا ئۆرلەيدۇ .

       



    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 4 كۈنلۈك بولدى~

    ھازىر بوۋاقنىڭ 4 ـ 9 تال سۈت چىشى چىقىپ بولدى. سىز بالىغا ياردەملىشىپ نەرسە چىشلەيدىغان ئىقتىدارنى چېنىقتۇرىشىڭىز كېرەك، قاتتىقراق نەرسىلەرنى يېيىشكە ئاز قالدى. بوۋاق بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىشتىھاسى تېز سۈرەتتە تۆۋەنلەپ، تاماق تاللاشقا باشلايدۇ، ھەمدە سىرتقى دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاۋاز، ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، بوۋاق تاماق يېيىشتن توختاپ ئوينايدۇ، ئويناپ قانغاندىن كېيىن داۋاملىق يەيدۇ.بەزى كەپسىز بالىلار تاماقنى قەستەن قۇسۇپ چىقىرىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن بەك تىت ـ تىت بولۇپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بالىنىڭ نورمال ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلسىڭىزلا بولىدۇ، ئاز ـ ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش يەنىلا بالىنى بېقىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئەگەر بوۋاق تاماق يېيىشنى رەت قىلسا، سىز ئەڭ ياخشىسى تاماقنى ياخشى ساقلاپ، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقاندا ئاندىن ئۇنىڭغا يېگۈزۈڭ، لېكىن ئۇنىڭغا پېچىنە ۋە كەمپۈت بەرمەڭ.




       بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 5 كۈنلۈك بولدى~

    كۆپ قىسىم بوۋاق بۇ باسقۇچتا تېخى ئۆزى يالغۇز ئالدىغا ماڭالمايدۇ ، لېكىن پۇتىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇرالايدۇ ھەمدە نەچچە سېكۇنت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلەيدۇ . بەزى ئانىلار بوۋاقنىڭ پاچىقىنىڭ بەك ئېگىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ ، بالىنىڭ يۇمىلاق پۇت بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بوۋاق قانچە كىچىك بولسا ، پاقالچاقنىڭ ئېگىلىشى شۇنچە روشەن بولىدۇ . ئۈچ - تۆت ياشقا كىرگەندىن كېيىن پاقالچاق - يان پاقالچاق سۆڭىكى ئۇزىراپ ، پاقالچاق ئانچە ئېگىلىپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت بوۋاق 1 - 2 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە تۆت خىل ۋاكسىنا ئەملىشى كېرەك ، كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : 100 ئاق ئەسكى ۋاكسىنىسى(كۈچەيتىش)، كۆك يۆتەل، بوغما، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى شېكەر كۇمىلىچى .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 6 كۈنلۈك بولدى~

       بوۋاقنىڭ ئايلىق يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، پائالىيەت ۋاقتىمۇ كۆپىيىدۇ ، ھەرىكەت مىقدارىمۇ چوڭىيىدۇ ، بوۋاق تېخىمۇ خۇشال بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ ، بىر مىنۇتمۇ بىكار تۇرمايدۇ . بالىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئەسلىدىكىدىن كۆپ چوڭ بولۇپ ، تېخىمۇ مەقسەتلىك ھالدا ئۆيىدىن قىزىقارلىق نەرسىلەرنى ئىزدەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇ قىزىقارلىق نەرسىلەرنى بايقىغاندا ، تېخىمۇ ئازادە ، تېخىمۇ توغرا ئالالايدۇ . ھازىر ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرەر نەرسىنى كۆرۈپ ئېلىۋالماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ كىچىك قولىنى ياخشى كونترول قىلالايدۇ ھەمدە ئېلش ئىقتىدارى بولدۇ . ھازىردىن باشلاپ ، سىز بوۋاقنىڭ نۇرغۇن ئىنچىكە ھەرىكەت جەھەتتىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرىسىز.




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1ھەپتىلىك بولدى~

       بالىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ ، پائالىيەت دائىرىسىمۇ تەدرىجىي چوڭىيىدۇ ، ئۇ ئالالايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ . شۇڭا ، سىز چوقۇم بۇ ھەرىكەتچان كىچىك بالىنى ياخشى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ ! بوۋاققا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان نەرسىلەرنى يۆتكىۋېتىپ ، خەتەرلىك چايدان ، تازىلاش دورىسى ۋە زەھەرلىك بۇيۇملارنى بوۋاق يەتكۈزەلمەيدىغان جايغا قويىشىڭىز كېرەك . بوۋاق مېڭىشنى ئۆگەنسە ، چېلىشىش ، يىقىلىپ يارىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، بولۇپمۇ ئېگىزدىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەندە ، باش قىسمى يەرگە تەگسە ، بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك . ئەگەر يىغلىغاندىن كېيىن قۇسۇش ، ھوشىدىن كېتىش مەسىلىسى ئېغىر بولسا ، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك .



    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1ھەپتە 1كۈنلۈك بولدى~

       بۈگۈنكى تەۋسىيە مەشىقى

       « مەقسەتلىك ئويناش » :

    بۇ ئويۇن سىزگە بالىنىڭ ئىختىيارى دىققەت قىلىش جەريانىدىكى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ ، بالىنىڭ ئىختىيارى دىققەت قىلىشىنى كۈچەيتىدۇ .

       ئويۇن باسقۇچى :

       سىز ئالدى بىلەن ئايلانما ياكى ئاۋاز چىقىرالايدىغان كىچىك ئويۇنچۇقنى تاللاپ بوۋاققا تاپشۇرۇپ بېرىڭ ، بۇ ۋاقىتتا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئويۇنچۇقتىن باشقا تۈرلۈك كاشىلىلارنى تۈگىتىڭ ، سىز بالىنىڭ ئويۇنچۇقنى قانچىلىك ۋاقىت كۆڭۈل قويۇپ ئوينىيالايدىغانلىقىنى ، ئوينىغاندا ئويۇنچۇقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلغان - قىلمىغانلىقىنى ، ئويۇنچۇقنى ئايلاندۇرالايدىغان ياكى ئاۋاز چىقىرالايدىغان - چىقىرالمايدىغانلىقىنى كۆزىتىڭ . ئەگەر بوۋاقتا يۇقىرىقى ئىپادىسى ۋە ھەرىكىتى بولسا ، بۇ بالىنىڭ مەقسەتلىك دىققەت قىلغانلىقىنى يەنى ئىختىيارى دىققەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ ؛ ئەگەر يۇقىرىقى ئىپادىسى ۋە ھەرىكىتى بولمىسا ، ئىختىيارى دىققەت قىلىشنىڭ تېخى شەكىللەنمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .

       « بۈگۈنكى دىققەت نۇقتىسى » :

       ئىختىيارى دېققەت قىلىش مەقسەتلىك بولىدۇ ، بەزىدە بەلگىلىك ئىرادە بىلەن تىرىشىش زۆرۈر بولغان دىققەت - ئېتىبارىنى ، ئۆگىنىش جەريانىدا بىر قەدەر مۇھىم رول ئوينىشىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ، بوۋاقنىڭ مەقسەتلىك دېققەت قىلىشىنىڭ پەيدا بولۇشى بالىنىڭ مەقسىتى ۋە ئىرادىسىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ . بىر ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقنىڭ ئىختىيارى دىققەت قىلىش جەھەتتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ ، شۇڭا بۇ ئويۇننى ئىشلىگەندە چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ ، بالىنىڭ مەلۇم بىر ھەرىكەتنى مەقسەتلىك قىلغان - قىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك ، پەقەت ئالدى - كەينىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى نۇقتىنىڭ ئىپادىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆزەتكەندىلا ، ئاندىن بىر قەدەر توغرا كۆرگىلى بولىدۇ .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1ھەپتە 2كۈنلۈك بولدى~

    بىر ياشلىق بالىنىڭ ئۇيقۇسى كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ ، پۈتۈن كۈن جەمئىي 13 ~ 14 سائەت ئۇخلايدۇ ، ئادەتتە كۈندۈزى ، چۈشتىن كېيىن بىر قېتىمدىن ئۇخلايدۇ ، ھەر قېتىمدا تەخمىنەن ئىككى سائەت ئۇخلايدۇ ، كېچىسى داۋاملىق ئۇخلىسا بولىدۇ . كۈندۈزى دالا پائالىيىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغاندا ، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىش كېرەك ، كۈندۈزدىكى دالا پائالىيىتى يېتەرلىك بولمىسا ، ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ . بوۋاق بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، ئۆيدە يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېگىلى بولىدۇ ، لېكىن بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك . بىرىنچىسى ، چوقۇم يوغان نەرسىلەرنى پارچىلاپ ، بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك . ئىككىنچى ، يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، ئەمدىلا پىشۇرغان تاماقلار بەك قىزىق بولسا ، بالىغا يېگۈزمەسلىك كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ، بوۋاقلارغا ئاچچىق ، تۇزلۇق ياكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك كېرەك .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1ھەپتە 3كۈنلۈك بولدى~

    كۆپ بوۋاقلارنىڭ ئىككى قولىنىڭ ئىشلىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، بىر قولدا توپ تاشلىيالايدۇ ، لېكىن يۆنىلىشنى ئىگىلىيەلمەيدۇ ، بەزىدە بوۋاق بىر يۆنىلىشكە قارايدۇ ، ئەمما توپنى يەنە بىر تەرەپكە تاشلىۋېتىدۇ . بالىنىڭ ئويۇنىنىڭ كۆپىنچىسى تەجرىبىگە ئوخشايدۇ ، مەسىلەن : « ئەگەر مەن سۇلياۋ ئىستاكاننى يەرگە تاشلىۋەتسەم قانداق بولىدۇ ؟ ياكى « ئەگەر مەن بارمىقىم بىلەن ئۈستەلدىكى قورۇمىلارنى تۇتسام قانداق بولار ؟ » دەپ سورىدى . سىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىڭىز ، بالىنى چەكلەش ئەمەس ، بەلكى بالىغا ئۆگىنىش پۇرسىتى قالدۇرۇش . شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى ، سىز بالىغا قانچە قىلىشقا يول قويمىغان ئىشىڭىز ، بوۋاق شۇنچە قىلىشى لازىم ئىش ھېسابلىنىدۇ ، بۇ بالىنىڭ ئۆگىنىش جەريانى .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1ھەپتە 4كۈنلۈك بولدى~

       بوۋاق « دادا » ، « ئانا » دېگەنلەرنى بىلىدۇ ، بەزى ئاددىي سۆزلەرنىمۇ سۆزلىيەلەيدۇ ، بوۋاقنىڭ تەلەپپۇزى توغرا ئەمەس بولسا ، ئالدىرىماڭ ، بالىغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىڭ . ھازىر بەزى بالىلار نۇرغۇن گەپلەرنى قىلالايدۇ ، بەزى بالىلار بەلكىم ھازىرغىچە دېيەلمەسلىكى مۇمكىن . ئەگەر بالىنىڭ گېپى كۆپ بولمىسا ، سىزمۇ ئالدىرىماڭ . سىز ئادەتتە بالىغا گەپ قىلغاندا ، ئىمكانقەدەر ئەڭ ئاددىي سۆز بىلەن سۆزلىشىڭىز ، سۆز سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشىڭىز ، بىر خەتنى ئېنىق ، بىر خەتنى ئېنىق دېيىشىڭىز كېرەك .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1ھەپتە 5كۈنلۈك بولدى~

    بوۋاق بىر ياشتىن كېيىن ئۈچ بۆلەك بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ ، بوۋاقنىڭ ئۈچەي - ئاشقازىنى تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن ، سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن كېلىدۇ ، ئالدى بىلەن ئاز مىقداردا ئۈچ بۆلەك سۈت پاراشوكىنى ئەسلىدىكى سۈت پاراشوكىغا قوشۇپ ، ھەر كۈنى بىر ئۈچ بۆلەك سۈت پاراشوكىنى كۆپەيتىپ ، ئەسلىدىكى سۈت پاراشوكىنى ئازايتىىش كېرەك ،تاكى پۈتۈنلەي ئالمىشىپ بولغانغا قەدەر .

       ھازىردىن باشلاپ ، سىز ھەر كۈنى بالىنىڭ چىشىنى چوتكىلاپ بېرىشىڭىز ، بارلىق چىشنى پاكىز چوتكىلىشىغا ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك، ھەر بىر چىشنىڭ ئۈچ تەرىپىنى چوتكىلاش لازىم ، بۇ ئىشقا ھەرگىزمۇ دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ . ھازىر بۇلارنى تىلغا ئېلىشقا تېخى بالدۇر دەپ ئويلىماڭ ، چىش چوتكىلىماسلىقتا ناھايىتى زور خەۋپ خەتەر يوشۇرۇنغان ، كېيىن بالىنىڭ يۈز شەكلىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەل قاراشقا بولمايدۇ .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1ھەپتە 6كۈنلۈك بولدى~

    بەزى ئاتا - ئانىلار بىر ياشلىق بوۋاق خەت تونۇيالمايدۇ ، كىتاب ئوقۇيالمايدۇ ، كىتاب ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، گەرچە بوۋاق ساۋاتسىز بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇيالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ئەگەر بوۋاق مەزگىلىدىكى بوۋاقلارنى كىتاب بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ ، بالىنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىشى ۋە ياخشى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولسا ، بوۋاقنىڭ كۆرۈش سېزىمى سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ ، يەنە ئۆرۈپ ئويناش ، كىتاب ئېلىش جەريانىدا پۇت - قولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن چوڭ مېڭىنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ . سىز ئەڭ ياخشىسى بىر قىسىم قىسقا رەسىملىك كىتابلارنى تاللاپ ، بالىغا تەكرار ئوقۇپ بېرىڭ . بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بوۋاقنى غىدىقلىغۇچى قوبۇل قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ ، بوۋاقنىڭ تىل ، رىتىم ، رەڭلەرنى بىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 2ھەپتىلىك بولدى~

       بۇ باسقۇچتا تەخمىنەن ¾ قىسىم بوۋاق مۇستەقىل ماڭالايدۇ . بەلكىم بەزى بالىلار بۇ چاغدا مېڭىشنى ئۆگىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ، لېكىن يەنە بەزى بالىلار دەلدەڭشىگىنىچە بىرىنچى قەدەمنى بېسىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ، بوۋاق ھازىر مېڭىش مەقسىتىنى ئىپادىلىمىگەن تەقدىردىمۇ ، زورلىماڭ ، چۈنكى ئەڭ كېچىككەندىمۇ بوۋاق 16 ، 17 - ئايلاردا ئاندىن مېڭىشقا باشلايدۇ ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال . بەزى بوۋاقلار يەنە ئۆمىلەۋاتقان بولىشى مۇمكىن ، بۇ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ، شۇڭا ئەگەر بوۋاق خالىسا ، كۆپرەك ئۆمىلەپ بېرىشمۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . باشقىلارنىڭ بالىلىرى ماڭالايدىغان بولۇپ بولدى دەپ سەل قاراپ ، تېخى يول مېڭىش ئارزۇسى يوق بالىلارنى جىددىي مەشىق قىلدۇرماسلىق كېرەك .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 2ھەپتە 1كۈنلۈك بولدى~

       بۈگۈنكى تەۋسىيە مەشىقى « قولنى قولغا ئۆتكۈزۈش » :

    بۇ ئويۇن سىزگە بالىنىڭ ئوڭ - سول قول ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ ، بالىنىڭ ئوڭ - سول قول ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ .

       ئويۇن باسقۇچى :

       سىز ئاۋۋال بىر ئويۇنچۇقنى بوۋاقنىڭ ئوڭ قولىغا قويۇپ ، بوۋاق ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە بىر ئويۇنچۇقنى بوۋاقنىڭ ئوڭ قول تەرىپىگە سۇنۇپ ، بالىنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ بېقىڭ . ئەگەر بوۋاق قولىدىكى ئويۇنچۇقنى تاشلىۋېتىپ يەنە بىر ئويۇنچۇقنى ئالغىلى بارسا ، ئۇنداقتا بالىنىڭ ئوڭ - سول قولى بىلەن ئالماشتۇرىدىغان نەرسىنى ماسلاشتۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ؛ ئەگەر بوۋاق ئوڭ قولىنىڭ ئىچىدىكى ئويۇنچۇقنى سول قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ، ئاندىن ئوڭ قول تەرەپتىكى ئويۇنچۇقنى ئېلىۋالسا ، بۇ بالىنىڭ ئوڭ قول بىلەن ئۆز ئارا نەرسە ئالماشتۇرالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەگەر بوۋاق ئوڭ - سول قولىنى ئۆزئارا يەتكۈزەلىسە ، ئۇنداقتا سىز بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ ، ئويۇنچۇقنى بوۋاقنىڭ سول قول تەرىپىگە داۋاملىق سۇنۇپ ، ئاندىن بالىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىڭ .

       « بۈگۈنكى دىققەت نۇقتىسى » :

       فىزىئولوگىيە جەھەتتە ، بوۋاق قولىدىكى نەرسىنى يەنە بىر قولىغا ئۇزاتقان ھەرىكەت « بەدەننىڭ ئوتتۇرا سىزىقىدىن ھالقىغان ھەرىكەت » دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ ھەرىكەت بىر مۇھىم نېرۋا تەرەققىيات مۇساپىسى ھېسابلىنىدۇ . ئادەتتە 8 ئايدىن 12 ئايغىچە بولغان بوۋاق بىر قولى بىلەن ئويۇنچۇقنى تۇتالايدۇ ، لېكىن ئەگەر ئويۇنچۇقنى بىر قولىدىن يەنە بىر قۇلىغا يەتكۈزمەكچى بولسا ، بۇ باسقۇچتىكى بوۋاققا نىسبەتەن قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ . بۇ مەزگىلدە دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال مۇنداق بولىدۇ : سىز بالىغا بىر ئويۇنچۇق بەرگەندە ، بوۋاقنىڭ دىققىتى يېڭى ئويۇنچۇققا يۆتكىلىدۇ ، ئۇنداقتا ئەسلىدە بوۋاقنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقنى بوۋاق ئىختىيارسىز ھالدا يەنە بىر قولىغا ياكى يەرگە قويۇپ قويمايدۇ ، بەلكى ئىختىيارسىز ھالدا ئويۇنچۇقنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ يەرگە تاشلىۋىتىدۇ. لېكىن بوۋاق بىر ياشقا كىرگەندە ، ئۆز ئالدىغا مەقسەتلىك ھالدا جىسىمنى تاشلىيالايدۇ . شۇڭا بۇ ئويۇن بالىنىڭ ئوڭ - سول قولىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىپلا قالماي ، يەنە بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە مەقسەتلىك دىققەت قىلىدىغان تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك . سىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ ، ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بالىغا مەقسەتلىك مەشىق قىلىدۇرشىڭىز كېرەك .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 2ھەپتە 2كۈنلۈك بولدى~

       بالىغا دائىم دىققەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك . ئەگەردە بوۋاقتا تەرەت قىلىشنى ئىپادىلىگەن ئىنكاس بولسا ،بوۋاقنى دەرھال ھاجاتخانىگە ئېلىپ بېرىش لازىم . بالا بوۋاق مەزگىلىدە چوڭ تەرەتتىن ئىلگىرى ئۆز ئىنكاسنى ئىپادىلەيدۇ ، ئەمما چوڭ تەرەتتىن ئىلگىرىكى ئىنكاستا ھەر بىر بوۋاق ئوخشاش بولمايدۇ . بۇ كىچىك ئالامەتلەرگە ئەستايىدىل دىققەت قىلسىڭىزلا بايقىيالايسىز . بوۋاق ھاجەتخانىغا بېرىپ ھاجەت قىلىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ، ھەر بىر ئىلگىرىلەش ، ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ، ئۇنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك . بوۋاق بىر قېتىم ھاجەت قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىسا ، ئۇنىڭغا بىر قېتىم مۇكاپات بېرىڭ . بوۋاقنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشىنى مەشىق قىلىش جەريانىدا ، جۈملىدىن بوۋاقنىڭ ئۆزى ھاجەتخانىغا بېرىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ، بەزىدە يەنە كۈتۈلمىگەن ئىشتىنىغا سىيىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . بۇ چاغدا ئاتا - ئانىلار ئاچچىقلىنىپ بالىنى ئەيىبلىمەي ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك . بوۋاق سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئەيىبلەنسە ، ئۇنىڭ سەلبىي كەيپىياتى كۈچىيىپ ، قورقۇنچاقلىق ، ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ . بەزى بالىلار مۇۋەپپىقىيەتلىك ھاجاتخانىغا بېرىشنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ، بەزىدە بۇرۇنقى ھالىتىگە چېكىنىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدۇ . بۇ ناھايىتى نورمال ، سەۋەبىنى تېپىشقا دىققەت قىلىش كېرەك . مەسىلەن ، ئويۇنغا بېرىلىپ ، كارتون فىلىم كۆرۈش ياكى مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولۇش قاتارلىقلار . ھەرۋاقىت سەۋرچان بولۇڭ !




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 2ھەپتە 3كۈنلۈك بولدى~

       بوۋاق سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزگە ماسلىشىشقا باشلىدى ، مەسىلەن ، سىز بالىغا كىيىم كىيگۈزگەندە ، بەزى بوۋاقلار سىزنىڭ يېڭىڭىزنى سوزۇشىڭىزغا ماسلىشىشقا باشلىدى . بەلكىم بالىنىڭ قىلغىنى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن ئۇ تىرىشىپ ياردەم قىلدى . بەزىدە بالىلارمۇ بارغانسېرى كەپسىز بولۇپ كېتىدۇ . مەسىلەن ، ئەسلىدە سىز بوۋاقنىڭ زاكىسىنى ناھايىتى ئاسانلا ئالماشتۇرالايتىڭىز ، لېكىن ھازىر ئۇ سىزگە ماسلاشماي توختىماي مىدىرلاپ سىزگە ئاۋارچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ . بۇ كەپسىزلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، سىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك ، نۇرغۇن ئىشلاردا كۆپرەك ئامال تېپىپ ، بالىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان ھەمكارلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك .



    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 2ھەپتە 4كۈنلۈك بولدى~

    ئەگەر بوۋاق ھازىر يەنىلا ياخشى ماڭالمىسا ، ئالدىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بالىغا كۆپرەك مەشىق قىلىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك . مەسىلەن ، دائىم بوۋاقنى قۇچاقلاپ تۇرۋالماسلىق ، ئەھۋال يار بەرسە ئامال بار بالىنى كۆپرەك ئۆزى بىر نەرسىلەرگە يۆلىنىپ مېڭىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك . ئۆيدە مۇۋاپىق پاكار ئۆي جاھازىلىرى بار بولسا ، بوۋاقنى بۇ ئۆي جاھازلىرىغا يۆلىنىپ، ئۇياق - بۇياققا بېرىپ كەلگۈزۈش ،مېڭىش جەريانىدا ئويۇنچۇق بىلەن ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلسا بولىدۇ . لېكىن چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك .

       ئەگەر بەزى بالىلار ھازىر ماڭالايدىغان بولسا ، سىز بەلكىم بالىنىڭ يول مېڭىش ئۇسۇلىنىڭ سەل غەلىتە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز . مەسىلەن ، بوۋاق يول ماڭغاندا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېڭىشى ياكى ئىچكى سەككىز خەت ياكى تاشقى سەككىز خەت شەكىلدە مېڭىشى مۇمكىن ، پۈتكۈل بەدەن قىياپىتىمۇ ناھايىتى غەلىتە بولۇشى مۇمكىن . بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، بۇ بالىنىڭ يېڭى مېڭىشنى ئۆگىنىشتىكى نورمال ھادىسىسى ، تۈزىتىشكە ئالدىرىماسلىق ، ئاستا - ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا ، نۇرغۇن ئىشلار ئاستا - ئاستا ياخشىلىنىدۇ .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 2ھەپتە 5كۈنلۈك بولدى~

    بوۋاق « شەخسىيەتچىلىك » نى ، « مېنىڭ نەرسەم » نى ئىپادىلەشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئېلىشىغا يول قويمىدى ، سىزنىڭ باشقا بالىلارنى قۇچاقلىشىڭىزغا يول قويمىدى ، باشقا بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى كۈچەپ تالىشىدىغان بولدى ، ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بار بولۇپ ، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرگە كەسكىن قارشى تۇردى . بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مۇستەقىللىقىنىڭ ئىپادىسى ، سىز غەم قىلماي خۇشال بولۇشىڭىز كېرەك . ئەگەر بىرەر ئىش قىلغاندا بوۋاق ماسلاشمىسا ، سىز دىققىتىنى بۇراش ئۇسۇلى بىلەن بالىغا تاقابىل تۇرسىڭىز بولىدۇ ، بوۋاق ئۇياق - بۇياققا بۇرلۇپ قالايمىقان قىلغان چاغدا ، ئۇنىڭغا ئاڭلاپ باقمىغان ناخشىدىن بىرنى ئېيتىپ بەرسىڭىز ياكى ناھايىتى قىزىقارلىق تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا سىرتتىكى نەرسىلەرنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ .




       بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 2ھەپتە 6كۈنلۈك بولدى~

    بەزى بوۋاقلار سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، بەلكىم ئۇ يېگەن سۈت ، كۆكتات ، مېۋە - چېۋە ، شورپىدا سۇ بار بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا ئۇسسىغاندەك ھېس قىلمايدۇ ، بۇنداق بولغاندا ئۇنى مەجبۇرلىماڭ ، ئۇسساپ كەتكەندە تەبىئىي ھالدا ئىچىدۇ . سىزمۇ بوۋاقنىڭ سۇ تەركىبىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەگەر بوۋاق ئۈچ سائەتتىن تۆت سائەتكىچە بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلسا ، كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق ھەم روشەن سۈيدۈك پۇرىقى بولمىسا ، بۇ سۇ تەركىبىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

       قانداق قىلغاندا بالىغا كۆپرەك سۇ ئىچكۈزگىلى بولىدۇ ؟ بىر قەدەر قۇرغاق يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن ، بوۋاق ئۇسساپ كېتىدۇ ، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن بوۋاققا سۇ بېرىڭ . بوۋاق چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ ، سىز سۇ ئىچكەندە ، بالىغا سۇ قاچىلانغان ئىستاكاندىن بىرنى بېرىپ ، ئۇنى سىز بىلەن بىللە ئىچىشكە قىززىقتۇرسىڭىز بولىدۇ .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 3ھەپتىلىك بولدى~

       بەزى بوۋاقلار ئىستاكاننى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ ، سىز ئۇنىڭ ئىستاكانىنىڭ پاسونىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغان ئىستاكانلارنى ئالماشتۇرۇپ سىناق قىلسىڭىز بولىدۇ ، بوۋاق كۆپ قېتىم سىناپ باققاندىن كېيىن ، ئاندىن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئىستاكاننى تاپالايسىز . سىز ئىستاكانغا ئازراق سۇ ، سۈت يۇقۇپ ، بوۋاقنىڭ ئىستاكانغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىسىڭىز بولىدۇ . سىز بالىڭىزنىڭ باشقىلارنى دورايدىغان ئالاھېدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ، بوۋاققا ئىستاكاننى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ .ئۇ باشقىلارنىڭ خۇشال ھالدا ئىستاكان ئىشلىتىدىغىنىنى كۆرۈپ ،ئەگىشىپ ئىشلىتىدىغان بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، بوۋاقنىڭ سەگەك ۋە خۇشال بولغان ۋاقتى ، ئۇنى ئىستاكان ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ ؛ بوۋاقنىڭ ئۇسساپ كەتكەن ، قورسىقى ئاچقان ، ئاچچىقلانغان ياكى چارچىغىنىدا ئۇنىڭ ئىستاكاننى ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك . بوۋاققا قەتئىي ئىلھام بېرىپ ، ئۇنىڭغا ئىستاكاندا سۈت ئىچكۈزگەندە ھەمراھ بولۇپ ، بوۋاققا ئىستاكاننى سۈت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، تەدرىجىي ھالدا ئىستاكاندا سۈت ئىچكۈزۈش ؛ ئەمما بوۋاقنىڭ سۈتنى ئاز ئىچكەنلىكى ئۈچۈن ئىستاكاندا سۈت ئىچكۈزىشتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك .





       بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 3ھەپتە1 كۈنلۈك بولدى~

    بۈگۈنكى تەۋسىيە مەشىقى

       « ماشىنىنى ئىتتىرىش » :

       بۇ ئويۇن بالىنىڭ پۇت - قولىنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە نەرسىلەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ .

       ئويۇن باسقۇچى :

       بىر كىچىك ئاپتوموبىلنى ، مەسىلەن ، بوۋاقلار ھارۋىسى ياكى چوڭراق ساندۇقنى تۈز يەرگە قويۇپ ، بالىنى ھارۋىغا ياكى ساندۇققا ئىتتىرىپ ماڭغۇزۇپ ، ئالدى تەرەپتىن يول باشلىسىڭىز بولىدۇ ھەمدە بالىنى ئېلىپ توسالغۇدىن ئۆتۈپ ، ئەگىلىپ ، ئالدى - كەينىگە ، ئوڭ - سولغا ماڭسىڭىز بولىدۇ . بالىنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، يەنە ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە ياكى ساندۇقنىڭ ئىچىگە ئويۇنچۇق ياكى ئاۋاز چىقىرىدىغان بەزى نەرسىلەرنى قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 3ھەپتە2 كۈنلۈك بولدى~

    سىز ئىككى قوشۇق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، بوۋاقنى ئۈنۈملۈك ئوزۇقلاندۇرسىڭىز بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بوۋاق يەنە قوشۇق ئىشلىتىشنى ئۆگىنەلەيدۇ :

       سىز بالىغا بىر تال قوشۇق تۇتقۇزۇپ ، ئۇنىڭ ئوينىشىغا بېرىپ ؛ يەنە بىر تال قوشۇقنى ئۇنى غىزالاندۇرۇشقا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا يېمەكلىكنى بوۋاقنىڭ قوشۇقىغا سېلىپ ، بوۋاقنىڭ ئۆزى ئاغزىغا سېلىپ يېيىشىنى تەلەپ قىلىسىڭىز بولىدۇ ؛ بالا قوشۇق ئىشلەتكەندە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ، سىز يەنە بىر قوشۇق بىلەن يېمەكلىكنى كىچىكرەك قىلىپ قويۇپ ، ئۇنىڭ كولاپ يېيىشىگە قويۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ؛

       زۆرۈر تېپىلغاندا ، بوۋاققا قاچا تۇتقۇزۇپ قويۇش ؛ دەسلەپتە يېمەكلىك يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ ، ھەتتا قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ ، لېكىن سىزدە سەۋر - تاقەتلىك ۋە ئازادە كەيپىيات بولۇشى كېرەك ؛ بالىڭىز ئۇزاق ۋاقىت ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا ، ئاندىن سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا قوشۇق بىلەن تاماق يەيدۇ .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 3ھەپتە3 كۈنلۈك بولدى~

    ھازىر بوۋاق بەلكىم ئۆيدىكى ئالدىراش ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ، ئەتىدىن كەچكىچە قىلىدىغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ ، بوۋىقىڭىز ساندۇقلارنى ئاختۇرۇشنى ،ھەرخىل ساندۇقلارنى ، خالتىلارنى ئېلىپ كېلىپ ، ئىچىدە نېمە بارلىقىنى كۆزىتىپ ياكى ھەممە يەرگە قالايمىقان نەرسە تاشلاپ ، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىشنى ياخشى كۆرىشى مۇمكىن . سىز بالىنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىگە كۆپرەك يول قويۇشىڭىز ، ئۇنى ئەيىبلەشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك .

       ھازىر بوۋاقنىڭ بارماقلىرىنىڭ جانلىقلىقى ئىنتايىن ياخشى ، بوۋاق ئىككى - ئۈچ بارمىقى بىلەن ناھايىتى كىچىك جىسىمنى تۇتالايدۇ ، شۇڭا سىزمۇ ئۆيدە ساقلانغان خەتەرلىك بويۇملارغا دىققەت قىلىشىڭىز ،ئۇنىڭ ئۇششاق - چۈششەك بۇيۇملارنى تېرىپ ئاغزىغا سېلىپ يەپ سېلىشىدىن ھەزەر ئەيلىشىڭىز كېرەك . سىز دائىم ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى تازىلاپ ، رەتلەپ ، ھەمدە دۈم يېتىپ ، بالىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى بىلەن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىز لازىم.



    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 3ھەپتە4 كۈنلۈك بولدى~

       بوۋاق تويۇپ بولدى ،لېكىن سىز يەنىلا ئۇنىڭغا داۋاملىق تاماق يېگۈزدىڭىز ، بۇ بوۋاقنىڭ « تاماق يېيىش » تىن بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ ، باشقىلار بىلەن تاماق مىقدارىنى سېلىشتۇرماسلىق كېرەك ؛ بوۋاقنىڭ ھەر ۋاق تامىقى ، ھەر كۈنلۈك تاماق مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ ؛ بوۋاق بەزىدە ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن كۆپرەك يەيدۇ ، بەزىدە بەك چارچاپ كېتىدۇ ، ئەكسىچە يېيىشنى خالىمايدۇ ؛ بەزى ئاتا - ئانىلار بوۋاق تويغىنىنى ، قورسىقى ئاچقىنىنى بىلمەيدۇ دەپ قاراپ ،ئۇنىڭغا بىر قاچا تاماقنى زورلاپ يېگۈزىۋىتىدۇ . بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بولۇشى كېرەك ، لېكىن كۆپ يېسە ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولۇشى ناتايىن . بوۋاق ئادەتتە 20 مىنۇت ئىچىدە قورسىقىنى تويغۇزىدۇ ، شۇڭا تاماق يېيىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى بېكىتىش كېرەك ، مەسىلەن ، 30 مىنۇت ۋاقىت توشقاندا قاچا - قۇچىلارنى يىغىشتۇرۋېتىش لازىم.





    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 3ھەپتە5 كۈنلۈك بولدى~

    بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ئاتا - ئانىلار بالىسىنى ئېلىپ يىراققا سەپەر قىلىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن ، مەسىلەن ، بوۋا- مومىسى بىلەن كۆرۈشكىلى ئېلىپ بارغان بولىشى مۇمكىن. بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئېلىۋالىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ، سىرتقا چىققاندا چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىشىڭىز كېرەك . ئويۇنچۇقنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ ، بالىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغاندا ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇرىسىڭىز بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، بوۋاق گەپ ئاڭلىمىغاندا ياكى خاتا ئىش قىلغاندا ، ئامال بار باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىنى ياخشى قىلمىدى دەپ ئەيىبلىمەسلىك كېرەك . ئاخىرىدا بالىنىڭ يولدا تەرلەپ قىزىشىغا دىققەت قىلىش ، كىيىم - كېچەكنى ئازايتىش ۋە تەرنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 3ھەپتە6 كۈنلۈك بولدى~

    بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ئاتا - ئانىلار بالىسىنى ئېلىپ يىراققا سەپەر قىلىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن ، مەسىلەن ، بوۋا- مومىسى بىلەن كۆرۈشكىلى ئېلىپ بارغان بولىشى مۇمكىن. بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئېلىۋالىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ، سىرتقا چىققاندا چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىشىڭىز كېرەك . ئويۇنچۇقنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ ، بالىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغاندا ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇرىسىڭىز بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، بوۋاق گەپ ئاڭلىمىغاندا ياكى خاتا ئىش قىلغاندا ، ئامال بار باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىنى ياخشى قىلمىدى دەپ ئەيىبلىمەسلىك كېرەك . ئاخىرىدا بالىنىڭ يولدا تەرلەپ قىزىشىغا دىققەت قىلىش ، كىيىم - كېچەكنى ئازايتىش ۋە تەرنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك .



    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 4ھەپتىلىك بولدى ~

       بالىنى قانداق قىلغاندا ئىلمىي جازالىغىلى بولىدۇ ؟ بوۋاق خاتالىق ئۆتكۈزگەندە دەرھال ئىنكاس قايتۇرشىڭىز كىرەك ، ئەگەر بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بەش مىنۇتتىن كېيىن ئىنكاس قايتۇرسىڭىز ،ئۇ بايا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . بالىلارنى ئىلمىي جازالاش ئۇسۇلى تىنچ ئۈزۈلۈش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ . بوۋاق خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ، دەرھال ئۇنىڭ ھازىرقى قىلمىشى ۋە مۇھىتىنى ئۈزۈپ قويۇپ ، ئۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، ئۇنى دەرھال ئېلىپ كېتىپ ، ئۇنى بىر تىنچ بۇلۇڭغا قويۇپ بىر نەچچە مىنۇت كونترول قىلىسىڭىز ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان سەلبىي تەسىرى كىچىك بولىدۇ . ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىنى ئۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ ، بولمىسا بالىنى ئادەم ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا دائىم بالىنى ئەيىبلەش ،بوۋاققا يامان ئۈلگە كۆرسىتىپ ، چوڭ بولغاندا باشقىلارنى ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ ھەمدە باشقىلارغا ئاچچىقلىنىدۇ . بالىنىڭ دوراش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئاتا - ئانىسى بالىنىڭ ياخشى ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىسا ، كېيىن ئۇنىڭ جەمئىيەتتە باشقىلار بىلەن ياخشى ئۆتىشى ئۈچۈن ، چوقۇم سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشى كېرەك .




    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 4ھەپتە 1كۈنلۈك بولدى ~

    تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بوۋاققا تاماق يېيىشنىڭ خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ : بوۋاق تاماق يېيىشنىڭ تېز - ئاستىلىقىنى بەلگىلەيدۇ ؛ بوۋاق يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى يوقاتقاندەك بولسا ، ئۇنى چاقىرىپ ، بوۋاققا يېمەكلىكنى كۆرسىتىپ قويۇش ؛ تاماق يېگەندە بالىغا گەپ قىلىپ ، ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلىش ،بۇ بوۋاقنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا پايدىلىق ؛ بوۋاق تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ، ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش ، بۇنداق بولغاندا بوۋاق تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ھالدا تاماق يەيدۇ ؛ ئۆز ئارا پىكىرلىشىش كەمچىل بولۇش بوۋاقلارنى بۇرۇقتۇرما قىلىدۇ ۋە جىددىيلەشتۈرىدۇ ؛ سىز ئاۋۋال ئۈلگە كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ ، بوۋاق سىناپ بېقىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ؛ بوۋاق قىلالىسا ، سىز چوقۇم ماختاش ۋە ئېتىراپ قىلىشنى بىلدۈرۈپ ، بالىغا ئۆزىنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك ؛ بالىنىڭ ئىپادىسى « تويغان » بولسا ، تاماق بېرىشنى توختىتىش كېرەك .

    بوۋاقنىڭ قورسىقىنىڭ تويغانلىقىنىڭ سىگنالى : تاماقنى بارغانسېرى ئاستا يېيىش ؛ قوشۇقتىن ئۆزىنى تارتىش ؛ كالپۇكىنى چىڭ يۇمۇش ؛ يېمەكلىكلەرنى قۇسۇش ؛ قوشۇق ۋە يېمەكلىكنى ئىتتىرىش ياكى تاشلاپ قويۇش .



    بۈگۈن بالىڭىز 1ياش 1ئايلىق بولدى ~

    تەربلەش ئويۇنچۇقلرى كۆرسەتمىسى، ھەرىكەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئويۇنچۇق.

    ئىتتىرىش ماشىنىسى

       مەقسەت : مۇستەقىل مېڭىش بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ناھايىتى ياخشى بولغان ھەرىكەت بولۇپ ، كىچىك ئىتتىرىش ماشىنىسى ئۇنىڭ مۇقىم مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ ، ئۇنىڭ بىلىكى بىلەن پۇتىنىڭ ماسلىشىش ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنى كېڭەيتىپ ، ئۇنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۇنىڭ خۇشال كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ ، بوۋاققا چوڭلارنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىش ، بازارغا چىقىش ، نەرسە توشۇش ھەرىكىتىنى تەقلىد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ .

       ئويناش ئۇسۇلى : بىر ياشتىن كېيىن بوۋاق يول مېڭىشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن ، ئەڭ مۇۋاپىق ئوينايدىغىنى تۆت چاقلىق ئىتتىرىش ماشىنىسى بولۇپ ، قول بىلەن ھارۋىسىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ مېڭىپ ، ئاستا - ئاستا ئەگىلىپ ، توسالغۇدىن ئۆتۈش ، كىچىك ئاپتوموبىل ئىچىگە بەزى ئويۇنچۇق بالىلار ياكى باشقا ئويۇنچۇقلارنى قويۇپ ، ئۇنىڭ ئىتتىرىش ھارۋىسىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىدۇ . چوڭلار دەسلەپتە يېنىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالسا بولىدۇ ، بوۋاقنىڭ كۈچەپ يىقىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ، بەزى ھارۋىلارنى چوڭلار قەغەز يەشىك قاتارلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى ياسىسا بولىدۇ .

       بۈگۈنكى مەزمۇن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەسلى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چيەن لىڭجۈەن ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقى گۇەن چۇڭجۈننىڭ ئون نەچچە يىللىق بالىلار ئەمەلىيەت داۋامىدا توپلىغان « بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناش ۋە ئۆگىنىش » تىن ئېلىندى ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ لېشەن تەۋسىيە قىلدى ،ھەمدە بالا بېقىش تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تېلىدى!


    所有文章
    ×